-
ئالدىنقى يازمىمىزىدا ئىنكاس رامكىسىغا تەگلىك قوشۇشنى سۆزلىگەن ئىدۇق، بۈگۈن ئىنكاسقا جاۋاب قايتۇرۇش رامكىسىغا تەگلىك قوشۇش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرىمىز
-
2009-01-08
BlogBus تا ئىنكاسقا تەگلىك قوشۇش - [بلوگ قۇرۇلۇشى]
-
2009-01-05
كۆكلەمدىن تۇنجى يۇمتال - [يۇمتال ئىجادىيىتى]
شىنجاڭ پروگرامما ھەۋەسكارلىرى كۇلۇبىدىكى مايوئەپەندى ئىشلىگەن ئۇيغۇرچە فونت يوق كومپيوتېرلارغا UKIJ Tuz Tom فونتىنى قاچىلايدىغان ۋە ئۇيغۇرچە خەتلەرنى سىلىقلايدىغان چىرايلىق فونت 1.2 ھازىر نۇرغۇنلىغان تور بەت ۋە بلوگلار تەرىپىدىن ئىشلىتلىپ كەلمەكتە. پېقىر بىر پروگرامما تۈزەشكە قىزىقىپ ئۆزلۈكۈمدىن ئۆگىنىۋاتقان ھەۋەسكار. قىزىقىش تۈرتكىسىدە Nice Font قا تەقلىدلەپ،بۇ ئاددىي يۇمتالنى ياساپ باقتىم. ۋە سىناش ئۈچۈن تارقاتماقچى -
2008-12-11
Gmailدىن قىسقا ئۇچۇر يوللاڭ! - [توربىلىملىرى]
بۈگۈن G mail نى ئېچىپ قارىسام يېڭىدىن تېلىفونغا قىسقا ئۇچۇر ئەۋەتىش
ئىقتىدارىنى قوشۇپتۇ. بۇ ئىقتىدار سىناق نۇسخا بولۇپ، بۇنى ئىشلىتىش ئۈچۈن
تەڭشەش(设置,Settings) كە كىرىپ Lab(خەنزۇچە نۇسخىسىدا بۇ تۈر يوق، كۆرۈنۈش
تىلىنى ئېنگلىزچىغا تەڭشەڭ)دىن G mark نىEnable قىلىپ تەڭشەكنى ساقلاپ
قويسىڭىز بولىدۇ
-
2008-12-04
<<ئوغلۇم>>دىن كەلگەن ئالداش خېتى - [ئۇنىڭدىن-بۇنىڭدىن]
بۈگۈن ئاينۇرى بلوگىدا مۇنداق بىر تېما ئىلان قىلىندى :
خې سەي توۋ: «ئوغلۇمدىن كەلگەن ئالداش قىسقا ئۇچۇرىنى تاپشۇرىۋالدىم، ئۇ خېتىدە: دادا، ئاپا، مەن قىز دوستۇم بىلەن مېھمانخانىدا ياتاق ئاچقانلىقىم ئۈچۈن تۇتۇلۇپ قالدىم، ساقچىلار 5000¥ كاپالەت پۇلى تاپشۇرىسەن، دەيدۇ، شۇڭا ئەتە ئەتىگەندىن قالماي دوستۇم پالانىنىڭ بانكا كارتىسىغا 5000يۈەن ئەۋەتىپ قويساڭلار، قالغان گەپلەرنى مەن چىققاندىن كېيىن دېيىشسەك، دەپتۇ » دەيدۇ.
قىزىقارلىق يېرى شۇكى مەنمۇ ئىلگىرى مۇشۇنىڭغا ئوخشايدىغان ئۇچۇرنى تاپشۇرىۋالغان ئىدىم. ھازىرقى ئالدامچىلار تولىمۇ سۆيۈملۈك بولۇپ كېتىپتۇ، ئاۋۋال سىزنى دادا، ئاپا تۇتىۋالىدىكەن، ئاندىن پۇلىڭىزنى ئالدايدىكەن. بىراق، مۇشۇنداق قىسقا ئۇچۇرلار نىمىشقا مېنىڭ يانفونىمغا ئەۋەتىلىدۇ؟ بۇ ئالدامچىلار مېنىڭ نومۇرۇمنى قانداق بىلگەندۇ؟ -
2008-12-04
Blogbus تا شەخسىي ئىمزا قوللىنىش - [بلوگ قۇرۇلۇشى]
ئىمزا ئادەمنىڭ سالاھىيىتىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. شۇڭا چەتئەللەردە كىشىلەر تامغا ئىشلەتمەي، ئىمزا ئىشلىتىدۇ. بۇ تېمىمىزدا blogbus تىكى بلوگلاردا يازما ئاستىدا كۆرۈنىدىغان ئاپتۇر(يازغۇچى) دېگەنلەرنىڭ ئورنىغا ئۆز ئىمزايىڭىزنى چى... -
2008-11-30
ئېسىلمىكەن؟ - [ئۇنىڭدىن-بۇنىڭدىن]
-
2008-11-28
ياشاشنى ئۇنتۇپ قالماڭ!-don't forget to live! - [توربىلىملىرى]
داڭلىق ئادەملەرنىڭ تولىمۇ ئالدىراش يۈرىدىغانلىقى توغرىلىق تولىمۇ جىق ھېكايە ئوقۇغانمەن. بىر كىتابتىن ئوقۇشۇمچە، نيۇتۇن بىر كۈنى توخۇم پشۇردۇم دەپ قول سائىتىنى پۇشۇرغان ئىمىش، يەنە بىر كۈنى تەييار بولغان تامىقىنى باشقىلارنىڭ يەۋالغانلىقىنى بىلمەي، تاماق يەپ بولغان ئوخشايمەن، دەپتىكەن. يەنە بىر كىتابتىن ئوقۇشۇمچە، ئېينىشتىين ئامېرىكىغا كېلىپ بىر مەزگىلدىن كېيىن بىر كۈنى كاتىپىغا تېلىفون قىلىپ ئۆز ئۆيىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى دەپ بېرىشنى سورىغان ئىكەن. يەنە شۇ كىتابتىن ئوقۇشۇمچە، ئېينىشتىيىن پايپاق كېيىشكە تولىمۇ ئۆچمىش، چۈنكى پايپاق كەيگەندە نۇرغۇن ۋاقىت ئىسراپ بولۇپ كېتىدىكەن!!
-
2008-11-25
خەپ، سېنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرىۋەتمىسەم! - [غىدىق-غىدىق]
-
2008-11-15
ياخشى, يامان؟؟؟ - [ئۇنىڭدىن-بۇنىڭدىن]
blogbusنىڭ راي بېتىدە ئارامگاھ ئەپەندىم باشىلىغان <<باشقىلارنىڭ بلوگ سۇپىسى ياخشىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بلوگ سۇپىسىمۇ؟>> دېگەن تېمىدىكى راي پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. مەن تۇنجى كۈنى كىرىپلا << قايسى ياخشى بولسا شۇنى ئىشلىتىمەن >> دېگەن تۈرنى تاللاپ قويغان ئىدىم،قارىسام ماڭا ئوخشاش تاللىغانلار كۆپ قىسىمنى ئېگەللەيدىكەن.
